Uyghur←Chinese主要词典
غارلاردىكى توپا دۆۋىسى
دۇنيا تارىخى
洞穴堆积
dòng xué duī jī
تاش قورال دەۋرىدە ئىنسانلار ياشىغان تەبىئىي غارلار ئىچىدە دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ياكى تەبىئى شەكىللەنگەن بەلگىلىك قاتلامدىكى دۆۋىلەر بولۇپ، ئادەتتە غارلاردىكى دۆۋە دەپ ئاتالغان. دۆۋىنىڭ ئارىسىدا تاشقا ئايلانغان ئادەم ۋە ھايۋانلار، تاش قوراللار، يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى، سۆڭەك قوراللار، سېلىنچا شاخ - شۇمبا ۋە ئوت - چۆپلەر، ئوت ئشلىتىلگەن ئىزلار ھەمدە تەبىئىي چىرىش تۈپەيلىدىن تۆكۈلگەن تاش پارچىلىرى، شامال ئۇرۇپ كىرگەن قۇم - توپا قاتارلىقلار بولۇپ،ئۇنىڭدا تارىختىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزلىرى ساقلانغان.تارىختىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.