Uyghur主要词典
غارايىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىق، ھەيران قالارلىق؛ ئادەتتىكىدىن باشقىچە.
«سونۇ» ، «ئۆمسە» لەر قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كىچىك بالىمۇ ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئاجايىپ - غارايىپ پاراڭلارنى ئاڭلاپتۇ. چۈشەنگەن ھەرقانداق غەلىتە قورغاننى ئالار. بىر قىسما ئىشلار چىققىلى تۇردى. ئۆمەر ئۆمسە ئادەم ئىكەن. مەھەللىمىزگە سونۇلا بىر ئادەم كەپقاپتۇغۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان، كىشىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان، غەلىتە، ئاجايىپ، غەيرىي، باشقىچە.
- سىلىنىڭ ئېيتقانلىرى كونا زاماننىڭ ئاجايىپ بىر ھېكايىسى بولسا، ئەمدى مېنىڭ ئېيتىدىغىنىم يېڭى زاماننىڭ غارايىپ بىر ھېكايىسى، - دېدى شوپۇر