Uyghur主要词典
غالىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەلىبە قىلغۇچى، يەڭگۈچى، غالىپ:
ئەگەر مەئشۇق ئېرۇر ئاشىققا جازىب،
بولۇرلار ئەھلى ئىشىق ئىشقىغە غالىب.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش، كۈرەش ۋە مۇسابىقىدا يېڭىپ چىققان كىشى.
چىدىغان _ غالىب. ئەتىگە قالمىسا بۈگۈنكى ئىشى، بۇ دۇنيادا غالىبتۇر شۇ كىشى. بىلىم بىلەن قوراللانغان كىشى دائىم مۇزەپپەردۇر.
دۇنيا تارىخى
(1796 - 1869) ھىندىستانلىق شائىر، پروزىچى ۋە پەيلاسوپ. ئىسلام دىنى سوفىزم مۇرىتى. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە فېئوداللىق ئېزىشكە قارشى تۇرغان. جانلىق ئوردۇ تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئوردۇ تىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە پارىس تىلىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوردۇ تلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە ئوردۇ تىلى ئەدەبىياتىدىكى يېڭى ئېقىم بىلەن كونا ئېقىمدىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ بۇرۇلۇش ياساش دەۋرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <مەكتۇپلار توپلىمى>، <غالىب شېئىرلىرى> قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ.ئۇرۇش، جەڭ، كۈرەش، مۇسابىقە قاتارلىقلاردا غەلبە قازانغان، ئۈستۈن چىققان، يەڭگەن؛ يېڭىلمەس؛
غالىب بولماق، غالىب كەلمەك.
ئى. غەلبە قىغۇچى، غەلبە قازانغۇچى، ئۈستۈنلۈكتە تۇرغۇچى.
باھار غالىب، جۇدۇن بولسا ئۆتكۈنچى.*غالىبلار گوياكى يالقۇنلۇق گۈلخان، ھەر ئادەم چوغ ياكى ئالتۇن ئۇچقۇندى. ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
غالىپ
غەلىبە قىلغۇچى