Uyghur主要词典
غايىۋىلىك
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بەدىئىي ئەسەرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشى بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ غايىسى قانچىكى ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر بولسا، ئۇنىڭ ئەسىرىدە ھايات شۇنچىلىك كەڭ، چوڭقۇر ھەمدە ھەققانىي ئىپادىلىنىدۇ، بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىز ھالدا يۇقىرى باھالىنىدۇ.
«قۇدرەتلىك ۋە ھاياتىي غايە ئاساسىدا تۇغۇلغان، دەۋرنىڭ ئېسىل تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرگەن ئەدەبىي ئېقىملارلا يارقىن تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.» (چېرنىشېۋسكى)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
غايىگە ئىگىلىك.
<ئەد> بەدىئىي ئەسەرنىڭ غايىۋى يۆلىنىشى. ئۇ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ غايىسى قانچىكى ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر بولسا، ئۇنىڭ ئەسىرىدە ھايات شۇنچىلىك كەڭ، چوڭقۇر ھەمدە ھەققانىي ئىپادىلىنىدۇ، بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز ھالدا يۇقىرى باھالىنىدۇ.