Uyghur主要词典
غاچچىدە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
<غاچ> قىلغان ھالدا <غاچ> قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ.
- شۇنداق دەسسىۋىدى، غاچچىدە ئېزىلدى.
ناھايىتى تېز، بىردىنلا.
شۇئاندا بىر يىگىت ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى غاچچىدە چىشلەپ ئۈزۈۋالدى - دە، ئوت يالقۇنى يورۇتقان تۈرمە تېمىغا قان بىلەن خەت يېزىشقا باشلىدى.
پۈتۈنلەي، تەلتۆكۈس.
ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بىر چاغ ئىدى، دەريا بويىغا بارسام دەريا غاچچىدە توڭلاپ كېتىپتۇ.