Uyghur主要词典
گىگانت ترىتون
بىئولوگىيە
قوش ماكانلىقلار سىنىپىنىڭ قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتى، چوڭ ترىتونلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاۋازى بوۋاقنىڭ يىغىسىغا ئوخشىغاچقا <بالا بېلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 60 - 70 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 10 كىلوگرام بولۇپ، ھازىر ساقلىنىپ قالغان قوش ماكانلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈر (ئەڭ ئۇزۇنلىرى 8.1 مېتىرغا يېتىدۇ) ھېسابلىنىدۇ. دۈمبە تەرىپى قىزغۇچ قوڭۇر بولۇپ، چوڭ قارا داغلىرى بولىدۇ، قورساق تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇس، بېشى كەڭ ھەم ياپىلاق، ئاغزى چوڭ، ساپان سۆڭەك چىشلىرى ياي شەكلىدە. بۇرۇن تۆشۈكى ۋە كۆزى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، بېشىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە جايلاشقان، كۆز قاپىقى يوق. گەۋدىسى توم ھەم ياپىلاق. ئومۇرتقا تەنىسىنىڭ ئىككى تەرىپى ئويمان، قۇيرۇقى يېنىچە ياپىلاق، تۆت پۇتى ئىنتايىن قىسقا، ئالدى پۇتى تۆت بارماقلىق، كەينى پۇتى بەش بارماقلىق، بارماق ئارىلىقىدا ئازراق ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ. تېرىسى سىلىقراق، باش قىسمىدىكى سۆگەلسىمان دانىچىلىرى ئېنىق، بوينىنىڭ يېنىدىن بەدىنىنىڭ يېنىغىچە سوزۇلغان تېرە پۈرمىسى بار. يېتىلگەن تېنىدە ژابراسى يوق، ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلىنىدۇ. تاغ جىلغىلىرىدىكى ئېرىق سۇلىرىدا ياشاپ تاغ ئۆستەكلەردىكى تاش يوچۇقلىرىغا يوشۇرۇنۇپ ھايات كەچۈرىدۇ. بېلىق، پاقا، راك قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، ھەر يىلى ياز ئاخىرىدا تۇخۇم سالىدۇ، ھەر بىر چىشى ترىتون 300 دىن ئارتۇق تۇخۇم تۇغىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەنشى، خېنەن، سىچۇەن، خۇنەن، خۇبېي، فۇجيە، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان. گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، دۆلەت بېكىتكەن قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.