Chinese→Uyghur主要词典
个性差别
پسىخولوگىيە
ئىندىۋىدۇئال پەرق
بۇ پسىخىك ئايرىم پەرق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئايرىم پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئىپادىلەنگەن بىر قەدەر مۇقىم بولغان ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكلەر ئارىسىدىكى پەرقلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن: كىشىنىڭ قابىلىيىتى، تېمپېرامېنتى (مىجەز)، خاراكتېرى پەرقلىق بولىدۇ. يەنى بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر مەسىلە ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكرىنىڭ دائىرىسى، چوڭقۇرلۇقى، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى غەيرىتى، ھېسسىياتىنىڭ ئوچۇق - يورۇقلۇقى، چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىمۇ پەرق بولىدۇ. بۇ پەرقلەرنىڭ سەۋەبلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ، كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىتى نېگىزىدە، ئاساسەن تۇرمۇش شارائىتى، تەربىيە تەسىرى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئەمەلىي پائالىيىتى جەھەتلىرىدىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، تۈرلۈك پسىخىك ئالاھىدىلىكلەر شەكىللىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكى پسىخىك پەرقلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلىنىدۇ.