Chinese→Uyghur主要词典
格瓦拉主义
دۇنيا تارىخى
گېۋاراچىلىق
يەنى <پارتىزانلىق مەركەزچىلىكى>. كۇبا ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، گېۋارا تەرغىپ قىلغان بىرخىل ھەربىي ئىنقىلابىي ئىدىيە. گېۋارا قوراللىق گۇرۇپپا ئىنقىلابىنىڭ <سىياسىي ئاۋانگارت ئەترىتى>، پارتىزانلار ئەترىتى <قەتئىي ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كىچىك تۈركۈمدىكى كىشىلەر> گە تايىنىشى، شەھەرلەردىكى ئازسانلىق ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلارنى قوبۇل قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن <مەركىزىي يادرو> نى تەشكىل قىلىپ، چەت ياقا رايونلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشى، <زەربە بېرىپلا قېچىش> تاكتىكىسىنى قوللىنىشى، ئەڭ دەسلەپكى بىرنەچچە غەلىبەئارقىلىق ئاممىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. 60 - يىللاردا، بۇنىڭ لاتىن ئامېرىكسىدىكى تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. 1965 - يىلى 4 - ئايدا، گېۋارا كۇبانىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئافرىقىدىكى زايىرغا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بولىۋىيىگە بېرىپ، <پارتىزانلىق مەركىزى> نى يولغا قويغان، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. گېۋارانىڭ ئۆزى 1967 - يىلى 10 - ئايدا بولىۋىيىدە ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسلەك لاتىن ئامېرىكىسىدا پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان.