Uyghur主要词典
گەۋدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ئورگانىزمى.
تەن ساغلىق _ زور بايلىق. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ياش بەدەننىڭ ساقايماس يارىسى يوق. ئەر - خوتۇن بىر تەن - بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك. كەمتەرلىك ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مەنزىرلىك بېغىدۇر. جۇغى كىچىك دېمە، ئەقلى تۈزۈك دە. جىسمى گەۋدىلىك بىر كىشى كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ تەن قۇرۇلۇشى؛ بەست، بەدەن.
ئادەم گەۋدىسى. ھايۋان گەۋدىسى. ئورۇق گەۋدە.
ئۇلارنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرى شوپۇر يىگىتنىڭ گەۋدىسىگە تىكىلگەنىدى.
مۇردا، جەسەت.
قانغا بويالغان ئىككى گەۋدە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ غۇل غۇلىسىغا سەۋەب بولدى.
بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقى، مەۋجۇتلۇقى، تۇرقى، جىسمى.
يىراقتىن بۇ تاغنىڭ يوغان گەۋدىسى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
كۆچمە. مەركەز، غول، يادرو.
ئادەم - جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى.