Uyghur主要词典
گەشت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئايلىنىش، سەير قىلىش، كېزىش؛ سەپەر؛ يۈرۈش - تۇرۇش، ھەرىكەت؛ ئەتراپ، ئايلانما يول:
كېلىپ تەفتىش ئەتدۈك ئەرەم باغىنى،
نە گەشتى، نە گۇل بىرلە يەفراغىنى.
ئا. نىزارى.
ئەگەر گەشتى لەيى دەريا قىلۇرسەن،
كۆزمگە كەلكى ، ئۇممان ھاجەت ئېرمەس.
ئاتايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئايلانماق، سەير قىلماق، چارلىماق، كەزمەك: گەشت قىلماق - ئايلانماق، تاماشا قىلماق، ساياھەت قىلماق، چارلىماق؛