Uyghur主要词典
گەردۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاسمان، پەلەك، چەرخ، كۆك:
دۇنيا، ئالەم، جاھان:
يۈكسەك، ئېگىز:
مۇسبەتلەر كى سالدى كۆڭلۈمە ھىجران 1. تۈنى گەردۇن،
يۈزى بىھەد يارالىغ بۇ كۆڭۈلدىن ھەم خەراش ئولسۇن.
ئەرشى.
گەردۇندىن ئۆتەر نالەۋۇ زارىم كېچەلەردە،
بىلمەس نېتەي ئول ماھ ئۇزارىم كېچەلەردە.
ئاتايى.
2. سەھەر خۇرشىدى شاھى تاغ ئۆزە زەررىن ئەلەم چەكتى،
داغى پەرتەۋ ساچىپ گەردۇن ئارا تۈرۈلۈك رەقەم چەكتى.
ئەرشى.
ئەي مۇسۇلمانلار نېتەي ئانىڭ بۇ دەردىغە ئىلاج،
ئول پەرىنىڭ جەۋرىغە بۇ زۇلمى گەردۇن ئوخشاماس.
قەلەندەر.
3. ئارىف كۆزىگە دۇررى دۇن، ئىقلىمى يۇ فەرىدۇن،
توققۇز رەۋاقى گەردۇن، گەردۇ غۇبار ئەمەسمۇ؟
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئايلانغۇچى پەلەك، ئاسمان؛ دۇنيا؛ تەقدىر، قىسمەت، پىشانە: گەردۇنگە باش تارتماق - كۆتۈرۈلمەك، يۇقۇرىلاشماق؛ گەردۇن سۈپەتىك - ۋاپاسىزلىق؛ گەردۇن كوپ - كۆككە كۆتۈرۈلگەن، پەلەككە كۆتۈرۈلگۈچى؛ گەردۇن مەقام - يۇقىرى مەرتىۋە؛ گەردۇنسا، گەردۇنساي - كۆككە تەككۈچى، بەك ئىگىز؛ كەردۇن خىرام - كۆچمە مەنىسى: بەك تېز يۈرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت ئاسمان، پەلەك.
دېمەككى، چۆرگىلەپ بۇ چەرخى گەردۇن، بەگ ھاجىنى بۈگۈن كۆپ قىلدى مەمنۇن.
كۆچمە. دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرى؛ تەقدىر، قىسمەت؛ پېشانە؛ كۆرگۈلۈك.