Uyghur主要词典
گەپكە گەپ كەلگەندە ئاتاڭدىن قايتما
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، قائىدە - يوسۇن، پرىنسىپتىن ۋاز كەچمەسلىك، دەيدىغاننى دەپ، قىلىدىغاننى قىلىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - سارىگۈل، خاپا بولماڭ، مۇئەللىم گەپكە گەپ كەلگەندە ئاتاڭدىن قايتما دېگەندەك، سىزگە قوپالراق گەپلەرنى قىلىپ قويدۇم، - دېدى ئۇ.