Chinese→Uyghur主要词典
根特和约
دۇنيا تارىخى
گېنت سۈلھ شەرتنامىسى
ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشى (1812 - 1814) نى ئاياغلاشتۇرۇش شەرتنامىسى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا 1814 - يىل 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گېنت (ھازىر بېلگىيىگە تەۋە) تا ئىمزالىغان. ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە 1873 - يىلى ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئامېرىكا دۆلەت چېگرىسىنى ساقلاپ قالغان. كېلىشىم تۈزۈشكە ئىككى تەرەپ دۆلەت چېگرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئايرىش كومىتېتى قۇرۇشقا ۋە نېگىر قۇللار سودىسىنى مەنئىي قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مەسئۇل بولغان. لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىك ھەممە تالاش - تارتىش ھەل بولمىغان.