Chinese→Uyghur主要词典
根毛
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
gēn máo
يىلتىز تۈكچىلىرىDئورمانچىلىق
gēn máo
يىلتىز تۈكچىلىرى، يىلتىز چۇپۇرلىرىDئۆسۈملۈك
gēn máo
يىلتىز تۈكچىسى
بىئولوگىيە
يىلتىز تۈكچىسى
يىلتىز ئۇچىنىڭ يىلتىز تۈكچە رايونىدىكى بىر قىسىم ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقا بىخ چىقىرىپ ئۇزىرىشىدىن ھاسىل بولغان يەككە ھۈجەيرىلىك تۈكچە. ئۇ نېپىز پوستلۇق ھايات ھۈجەيرە بولغاچقا تۇپراق دانىچىلىرى بىلەن زىچ يېپىشىپ سۇ ۋە نىئورگانىك تۇزنى سۈمۈرىدۇ، كىسلاتا تۈرىدىكى ئورگانىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇپراقتىكى تەستە ئېرىيدىغان تەركىبلەرنى ئېرىتىپ، يىلتىزنىڭ سۈمۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ؛ يىلتىز تۈكچىسىنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، يىلتىزنىڭ سۈمۈرۈش يۈزى ئارتىدۇ. يىلتىز تۈكچىسىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە بىر قانچە كۈندىن بىر قانچە ھەپتىگە بارىدۇ. كونا يىلتىز تۈكچىسى ئۆلگەندىن كېيىن، يىلتىز ئۇچىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئورۇندىن يېڭى يىلتىز تۈكچىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ. شۇڭا يىلتىز تۈكچە رايونىنىڭ تۇپراقتىكى ئورنى سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېڭى مەنبەسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ.