Chinese→Uyghur主要词典
根类
بىئولوگىيە
يىلتىز ئۇچى
يىلتىزنىڭ ئۇچ قىسمى. ئۇ يىلتىز تاجى، بۆلۈنۈپ ئۆسۈش رايونى، ئۇزىراش رايونى ۋە يىلتىز تۈكى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىۇ. يىلتىز تاجىسى نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، يىلتىز ئۇچىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بۆلۈنۈپ ئۆسۈش رايونى يىلتىزنىڭ چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسى ياكى ئۆسۈش نۇقتىسى جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدىكى كىچىك بىر توپ ھۈجەيرە ئىنتايىن ئاز بۆلۈنىدۇ، بۇ تىنچ مەركەز دەپ ئاتىلىدۇ؛ قالغان ھۈجەيرىلەر ناھايىتى كۈچلۈك بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۆپەيگەن ھۈجەيرىنىڭ ئاز بىر قىسمى يىلتىز تاجىنى تولۇقلايدۇ، كۆپ قىسمى يېتىلىپ ھەرخىل توقۇلمىلىرىغا ئايلىندىۇ، ئۇزىراش رايونىدىكى ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈشنى ئاستا - ئاستا توختىتىپ ئۆسۈش باسقۇچىغا كىرىپ، ئوقنىڭ يۆنىلىشى بويىچە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۇزىرايدۇ ھەمدە دىففېرېنسىيىلىنىدۇ. يىلتىز ئاساسەن بۆلۈنۈپ ئۆسۈش رايونى بىلەن ئۇزىراش رايونىغا تايىنىپ ئۆسىدۇ. يىلتىز تۈكچىسى رايونىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۇزىراپ ئۆسۈشنى توختاتقان، ئىچكى قىسمىدىكى ھەرخىل دەسلەپكى توقۇلمىلارنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولىدۇ. يىلتىز تۈكچىسى رايونى يىلتىزنىڭ ئاساسلىق سۈمۈرۈش رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۆلۈنۈپ ئۆسۈش رايونىدىن يىلتىز تۈكچە رايونىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزلۈكسىز يېتىلىش بولىدۇ. لېكىن روشەن ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا بولمايدۇ.