Uyghur主要词典
گەنجىنە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەزىنە؛ كان،«گەنج» گە قاراڭ.
سۆزۈڭ دۇررۇ جەۋاھىردۇر، كۆڭۈللەر گەنجىنە لايىق،
نە لايىق، لايىقى خۇسرەۋ، نەخۇسرەۋۇ، خۇسرەۋى كىشۋەر.
سەيفى سەرايى.
كۆڭۈل گەنجىنەسىنى غارەت ئەيلەپدۇر، سىپاھى غەم،
تاماشا قىل بۇ جەۋلانىمنى بىتىغۇ سىپەر تەنھا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىممەتباھا نەرسىلەرنى ساقلايدىغان جاي، خەزىنە، ئاغىلىق؛ ھوجرا، قازناق.