Chinese→Uyghur主要词典
根冠
باغۋەنچىلىك
gēn guān
يىلتىزغىلىپىDئورمانچىلىق
gēn guān
يىلتىز بوكى، يىلتىز غىلىپىDئۆسۈملۈك
gēn guān
يىلتىز ئۇچى غىلىپىDئۇنىۋېرسال
gēn guān
يىلتىز تاج
بىئولوگىيە
يىلتىز تاجىسى
يىلتىز ئۇچىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىگە جايلاشقان كۆپ قەۋەتلىك نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن قاپسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، يىلتىز ئۇچىدىكى ئۆسۈش نۇقتىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئۆسۈش نۇقتىسىدىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالدىنقى تەرەپكە قاراپ بۆلۈنۈپ كۆپىيىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەر يىلتىز ئۆسكەن ۋاقتىدا تۇپراققا سۈركىلىپ بۇزۇلىدۇ ۋە تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىچكى تەرىپى ئۆسۈش نۇقتىسىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر بىلەن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىلتىز تاجىنىڭ شەكلى ۋە قېلىنلىق دەرىجىسى مۇقىم ساقلىنىدۇ. ئۇ ئۆسۈش نۇقتىسىنى مېخانىكىلىق زەخىملىنىشتىن ساقلىغاندىن باشقا، ئۇنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى ھۈجەيرىلەر بۇزۇلغاندا يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇپراقنىڭ سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ يىلتىزنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇ يەنە يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يىلتىز تاجىنىڭ ئۇچى ئېلىۋېتىلسە يىلتىز ئېغىرلىق كۈچىگە بولغان سەزگۈرلۈكى (يەرگە ئىنتىلىشچانلىقى) نى يوقىتىدۇ.