Chinese→Uyghur主要词典
格林
دىن
gé lín
基
خىرىستيان دىنى
گې لىن (خەنزۇچە ئىسى)، رېبېرت گايلېي
دۇنيا تارىخى
گرىم
(1) ياكوب ليۇدۋىگ كارل گرىم (1785 - 1863). ياكوب گرىم دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، چۆچەك يازغۇچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتىلاردا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن مەدەنىيەت تارىخىنى ۋە تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. 1806 - يىلى خەلق ئارىسىدىكى ھېكايىلەر، چۆچەكلەر ۋە رىۋايەتلەرنى توپلاش ھەم رەتلەشكە كىرىشكەن. 1814 - 1822 - يىللىرى ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ <گېرمانىيە بالىلىرى ۋە ئائىلە چۆچەكلىرى> ۋە <گېرمانىيە ئەپسانىلىرى> نى تۈزگەن. ئۇ نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. گېتتىنگېن داشۆسىدە تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ <نېمىس تىلى گرامماتىكىسى>نى تۈزگەن. 1837 - يىلى ھاننوۋېر كورۇلىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. كېيىن نېمىس تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققياتى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە <نېمىس تىلىنىڭ تارىخى> دېگەن كىتابنى يازغان ھەمدە 1838 - يىلدىن باشلاپ <نېمىس تىلى لۇغىتى> نى تۈزۈشكە كىرىشكەن (ئاران تۆت تومنى پۈتتۈرگەن). تارىخىي سېلىشتۇرما ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، گېرمان مىللىتى تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشىنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇ، تارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نېمىس مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن دەلىللىگەن. ئۇ ئوتتۇرغا قويغان تىل تاۋۇشىنىڭ ئۇيغۇنلۇن قانۇنى <گرىم قانۇنى> دەپ ئاتالغان. (2) ۋېلھېلم كارل گرىم (1786 - 1859). گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، چۆچەك يازغۇچى. ياكوب ليۇدۋىگ كارل گرىمنىڭ ئىنىسى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قانۇن ئۆگەنگەن. داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت تارىخى ۋە تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. 1806 - يىلىدىن باشلاپ خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە، چۆچەك ۋە رىۋايەتلەرنى توپلىغان ۋە رەتلىگەن. 1814 - 1822 - يىللىرى ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ <گېرمانىيە بالىلىرى ۋە ئائىلە چۆچەكلىرى> ۋە <گېرمانىيە رىۋايەتلىرى> نى تۈزگەن. كېيىن گېتتىنگېن داشۆسىدە تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ <نېمىس تىلى گرامماتىكىسى>نى تۈزگەن. 1837 - يىلى ھاننوۋېر كورۇلىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتتىن بوشىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، نېمىس تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە <نېمىس تىلىنىڭ تارىخى>، <نېمىس تىلى لۇغىتى> (ئاران تۆت تومنى پۈتتۈرگەن)نى يازغان. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت ۋە چۆچەكلەرنى توپلاش ھەم رەتلەشكە كۆپرەك بېرىلىپ، نېمىس چۆچەكلىرى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. (3) جون رىچارد گرېن (1837 - 1883) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. 1859 - يىلى ئوكسىفورد داشۆسىنىڭ ئەيسا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لوندوندا پوپ بولغان. 1869 - يىلى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن لانبىس كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1874 - يىلى <ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قىسقىچە تارىخى> نى نەشىر قىلغان (خەنزۇچە تەرجىمىسى بار)، كېيىن يەنە تۆت توملۇق قىلىپ تولۇقلاپ، نامىنى <ئەنگلىيە خەلقنىڭ تارىخى> دەپ قويغان. ئۇنىڭدىكى كۆز قاراشلار يېڭى، ماتېرىياللار مول، قەلىمى جانلىق ھەم كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم قايتا نەشىر قىلنىپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ماركس بۇ كىتابقا بەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇنىڭدىن قىسقارتىلمىلار ئالغان. كېيىن ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ تارىخ يازغۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولغان، غەرب تارىخشۇناسلىقىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ يەنە <ئەنگلىيەنىڭ شەكىللىنىشى>، <ئەنگلىيەنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى> دېگەن ئەسەرلىرى بار. (4) ۋىليام گرېن (1873 - 1952) ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى (1924 - 1952). ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 61 يېشىدا كان ئىشچىسى بولغان، كېيىن كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيىتىگە پائال قاتناشقان. 1906 - يىلى كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوھىئو رايونلۇق رەئىسى بولغان. 1912 - 1924 - يىللىرى ئامېرىكا كان ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1924 - يىلى لېۋىس قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئسى بولۇپ، سىنىپىي ھەمكارلىق سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1935 - يىلى سانائەتنىڭ تۈرلىرى بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىل قىلىش كېرەكمۇ - يوق دېگەن مەسىلىدە لېۋىس بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقىتىن، ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى پارچىلانغان. لېۋىس ئايرىم ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. لېكىن گرېندا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ <ئەمگەكچىلەر ۋە دېموكراتىيە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gé lín
گرېن
格林〈澳〉
gé lín
گرېن