Chinese→Uyghur主要词典
格雷
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gé léi
گرېز
格雷〈法〉
gé léi
گرېز
دۇنيا تارىخى
گرېي
(1862 - 1933) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1905 - 1916). دەسلەپتە ئوكسىفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. 1885 - يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1892 - 1895 - يىللىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، فرانسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دەرۋازىسىنى ئەتمەيدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىغنا. 1905 - يىلى ئەنگليە - ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقان. 1907 - يىلى روسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئافغانىستان، پېرسىيە ۋە جۇڭگونڭ شىزاك رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1914 - يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا، فرانسىيە، روسىيىلەرنى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ھەدەپ كۈشكۈرتۈپ، دۇنيا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1916 - يىلى 12 - ئايدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 9181 - يىلى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنڭ <25 يىل (1892 - 1916)> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.