Chinese→Uyghur主要词典
格拉齐
دۇنيا تارىخى
گېرراززى
(1804 - 1873) ئىتالىيەلىك بۇرژۇئا دېموكراتىزمچى، يازغۇچى. لىۋورنودا تۇغۇلغان. دەسلەپ قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن روماننى تەشۋىقات قورالى قىلىپ، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى رىغبەتلەندۈرگەن. 1848 - يىلدىكى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. 1848 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ توسكانانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى بولغان. 1849 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ماززىنى ۋە مونتانېللى بىلەن بىللە بىرلىكتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى توسكانا ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش يىغىنى تەرىپىدىن مۇستەبىت دەپ جاكارلانغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، نەزەربەند قىلىنغان. كېيىن كورسىي ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1859 - يىلىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتقان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئۇنىڭ <فلورېنسىيىنىڭ قورشىۋېلىنىشى>، <بىنۋىندو جېڭى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.