Chinese→Uyghur主要词典
格季明
دۇنيا تارىخى
گېدىمىن
(؟ - 1341) يەنە بىر ئىسمى گېدىمىناس. لىتۋا كىنەزى (1316 - 1341). ئۆزىنى <لىتۋا ۋە رۇس پادىشاھى> دەۋالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، لىتۋا كىنەزلىكى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئىنتىزامى قاتتىق ئارمىيىگە ئىگە بولغان. دۆلەت زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان گېرمانچە قۇرۇللارنى سالدرۇغان، گېرمان رىتسارلار پولكىنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، گېرمان رىتسارلار پولكى ئىشغال قىلىۋالغان بىرمۇنچە شەھەرلەر ۋە يەرلەرنى قايتۇرۋالغان. شۇنداقلا قوشنىسى بولغان روسلار رايونىغا كېڭەيمىچلىك قىلىپ، ۋىتېنېسكى، مىنىسك ۋە باشقا بەزى جايلارنى بېسىۋېلىپ، لىتۋا كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن.