Uyghur主要词典
گەج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گەج، مەخسۇس سۇۋاق ئۈچۈ ئىلىتىلىدىغان گەج، ھاك:
ئىككى رەخنە سارى رەۋان باردىلەر،
گەجۇ خىشت ئىلە رۇست بۈتكەردىلەر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سىڭىرتاش: گەجكارلىق - گەج ئىشلىتىش، گەجلەنگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئان ئورگانىك بىرىكمە.
گەج بىلەن سۇۋالغان ئۆينىڭ تاملىرى چىرايلىق ۋە پۇختا بولىدۇ. سۇنۇق گىپىسكە ئېلىپ قويۇلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خىمىيە
بىر خىل ئانئورگانىك بىرىكمە. ئۇنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى CaSO4.2H2O. سۈزۈك كرىستال بولۇپ، ئاق، ئاچ سېرىق، ساپتۇل چېچىكى رەڭ ياكى كۈل رەڭ كېلىدۇ. كۆپ قىسمى تەبىئىي چىقىدۇ. ئادەتتە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى، ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق ساھەلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېڭىقچىلىقتا سۇنغان ياكى چىقىپ كەتكەن ئۇستىخانلارنى گېپىسلاش ماتېرىيالى، تېبابەتچىلىكتە قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى قىلىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا شور تۇپراقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.