Uyghur←Chinese主要词典
گىدرولازىلار
بىئولوگىيە
水解酶类
shuǐjiěméilèi
ئېستېر بېغى، گلۇكوزىد بېغى، پېپتىد بېغى قاتارلىقلارنى كاتالىزلاپ، گىدرولىزلايدىغان ئېنزىملار بولۇپ، گىدرولىزلايدىغان باغلارنىڭ تىپىغا ئاساسەن توققۇز سۇب تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دائىم ئۇچىرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ئېستېر ئېنزىملىرىدىن ياغ لىپازا، ئۇ ترى گلىتسېرولنىڭ گىدرولىزلىنىپ، دى گلىستېرول ۋە ياغ كىسلاتاسىغا ئايلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. يەنە مەسىلەن، جۈيزە سىئانومىتسىن 5 -فوسفو دى ئېستېرازا، تا 3 - فوسفودى ئېستېرازا، كىسلاتالىق (ياكى ئىشقارلىق) بىر ئېستېر ئېنزىمى؛ (2) گلۇكوزىد ئېنزىملىرىدىن ئامىلازا، سېلليۇلوزا، لىزوزىم قاتارلىقلار؛ (3) پېپتىدازىلار، ئۇلارنىڭ تەسىر قىلىش شەكلىگە ئاساسەن، پېپتىدلارنى سىرتىدىن ۋە ئىچىدىن كەسكۈچى ئېنزىملارغا بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پېپتىدازا دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كاربوكسى پېپتىدازا، ئامىنو پىپتىدازا بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پېپتىد زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنى ئەركىن كاربوكسىل تەرىپىدىن ۋە ئەركىن ئامىن رادىكالى تەرىپىدىن كېسىدۇ. كېيىنكىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پروتېئىنازا دەپ ئاتىلىدۇ، پولى پېپتىد زەنجىرىنى ئاقسىلنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى پېپتىد بېغىدىن كېسىپ ئۈزىدۇ. مەسىلەن، پېپسىن، ترىپسىن، خىموترىپسىن، ئېلاستازا، سترېپتوكىنازا، سترېپتو پروتېئىنازا، ئىسىققا مايىل باكتېرىيە پروتېئىنازىسى قاتارلىقلار.