Uyghur主要词典
گىدروفتورىد
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
خىمىيە
ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى HF . ئۇ ھېدروگىن فتورىدنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى بولۇپ، رەڭسىز، زەھەرلىك كېلىدۇ. ھاۋاغا يولۇقسا تۈتۈن چىقىرىدۇ. چىرىتىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەينەك ۋە تۈرلۈك مېتاللارنى چىرىتۋېتەلەيدۇ. ئادەتتە ئەينەك ئۈستىگە نەقىش ئويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.