Uyghur←Chinese主要词典
گىدرا
بىئولوگىيە
水螅
shuǐxī
ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى، گىدرالار سىنىپىغا كىرىدۇ. سازلىق كۆلچەك، ئېرىق - ئۆستەڭلەردە ياشايدىغان كىچىك تىپتىكى ھايۋان. تەن شەكلى لوڭقىسىمان، تۈۋى قىسمى سۇ ئوتلىرى ۋە باشقا جىسىملارغا يېپىشىپ ياكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىگە تەتۈر ئېسىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ، ئۇزىراپ ئۆسكەندە 5.1 - 2 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، سىلكىنىشكە ئۇچرىسىلا دەرھال قىسقىراپ تۈگۈلىۋالىدۇ. تۈۋى قىسمىنى يېپىشقان جىسىم ئۈستىدە سېرىلدۇرۇش ياكى موللاق ئېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ. ئەركىن تۇرىدىغان ئۇچىدا ئېغىزى، ئېغىز ئەتراپىدا سانى ئاساسەن بىردەك (6 - 10 تال) بولغان سېزىش بارماقلىرى رادىئالسىمان تىزىلغان. سانجىش ھۈجەيرىلىرىگە قاپلانغان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. كىچىك قاسىراقلىق ھايۋان، بوغۇم تەنلىك ھايۋان قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۆز تېنىدىن چوڭ ئوزۇقلۇقلارنىمۇ تۇتالايدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ئۆسۈشى ئاينىغان چاغدا، تېنىنىڭ يېنىدىن بىخ تەنچىلىرىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، بىى تەنچىسى ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ھايات كەچۈرەلەيدىغان يەنە بىر ئىندىۋىد ھاسىل قىلالايدۇ. كۆپىيىش پەسلىدە بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئەمچەكسىمان ئۆسمىلەرنى يەنى تۇخۇم خالتىسىنى ۋە سپېرما خالتىسىنى چىقىرالايدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى؛ قوڭۇر گىدرا (H.fusca) قوڭۇر كۈل رەڭ، تۈۋىنىڭ ساپلىق قىسمى سۇس ئاق بولىدۇ؛ يېشىل گىدرا (H.viridis) قېنىق يېشىل بولۇپ، بۇ بىر خىل يەككە ھۈجەيرىلىك يۈسۈنلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.