Uyghur主要词典
گىددىنگىس
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1931) ئامېرىكىلىق سوتسولوگ. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1877 - يىلى بىرلەشمە ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. 1988 - يىلى 1894 - يىللىرى برىنمار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتكەن. 1894 - 1928 - يىللىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى سوتسولوگىيە پروفېسسورى بولغان. كېيىن ئامېرىكا سوتسولوگىيە جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا سوتسولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان. تەدرىجىي تەرەققىياتچىلىقنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، جەمئىيەتشۇناسلىقنى تارىخ ۋە بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ، <بايان قىلىش> ئوخشاش ئاڭ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دەپ قارىغان. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جەريانىنى بىرلىشىش، جەمئىيەت روھىي ھالىتى، جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلگەن. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالد ھايۋانلارنىڭ بىرلىشىشى، ئىنسانلاردابولىدىغان بىرلىشىش، ئىرقتا بولىدىغان بىرلىشىش ۋە خەلقتە بولىدىغان بىرلىشىش بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1906 - يىلى ئوبېكتىچىققا يۈزلەنگەن. جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىنى كومپلېكس سان ھەرىكىتى دەپ قارىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سوتسولوگىيىنى بىر پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سان جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى تەكىتلەپ، ستاتىستىكا ئىلمىنى ئېلىپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <سوتسولوگىيە قائىدىلىرى>، <ئىنسانلار جەمئيتى نەزەرىيىسى تەتقىقاتى>، <ئىنسانلار جەمئىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات> قاتارلىقلار بار.