Uyghur←Chinese主要词典
گائېنۇس
دۇنيا تارىخى
盖尤斯
gài yóu sī
مىلادى Ⅱ ئەسىردىكى قەدىمكى رىملىق تارىخشۇناس. تارىخىي ئېنىق ئەمەس. قەدىمكى رىم قانۇن ئىلىمىنىڭ كاپىتو ئېقىمى (ياكى سابىنۇس ئېقىمى دەپ ئاتىلدۇ) غا كىرىدۇ. ئۇنىڭ <قانۇن ئىلىمىنىڭ پەلەمپەيلىرى> دېگەن ئەسىرى ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، جۇستىنىئانۇس دەۋرىدە تۈزۈلگەن. <دۆلەت قانۇنلىرى قامۇسى> نىڭ قانۇن ئىلىمىنىڭ پەلەمپەيلىرى <قىسمى> ئۇنىڭ مۇشۇ ئەسىرى ئاساسىدا يېزىلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋالېنتىنىئانۇس Ⅲ (425 - 455 - يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن <بەش چوڭ قانۇنشۇناس> نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.