Uyghur←Chinese主要词典
گاۋگۇلى
دۇنيا تارىخى
高句丽
gāo gōu lì
كورىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىللەت نامى، قەدىمكى دۆلەت نامى. كوگۇريو مىللىتى ئەسلى موزۇنىڭ بىر تارمىقى. يېغىلىق دەۋرىدە يەن بەگلىكىگە تەۋە بولغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە لياۋدۇڭنىڭ سىرتىدا تۇرغان، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا شىمالدىكى يەن بەگلىكىگە تەۋە بولغان، كېيىن شۇەنتۇ ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان. يالۇجياڭ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى بولغان خۇنجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا گۈللەنگەن. گۇيلۇ، جۇەننۇ، جۇنۇ، شۈننۇ، گۇننۇدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەجدادى جۈمىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى قۇرغان ئىكەن. مىلادى 3 - يىلى ليۇلىمىڭ شاھ پايتەختنى دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرگە كۆچۈرگەن، 133 - يىلى مېيچۇەن شاھى يىفۇ لېلاڭ ۋىلايىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا كوگۇريو، پېكچى، سىللادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. زېمىننى كېڭەيتكۈچى شاھ (خاۋتەيۋاڭ) تەندى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (392 - 341) جەنۇبتا پىكچى قوشۇنلىرىنى ۋە دېڭىزدىن ئۆتۈپ كەلگەن ياپۇن قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى كوگۇريو تەۋەسىگە كىرگەن، شەرقىي ۋۇجۇنى يوقىتىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق دېڭىز بويى چېگرارايونىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغىچە بارغان. ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك شاھ جۇليەن دەۋرىدە (413 - 491) ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ھۆكۈمرانلىق كۈچەيتىلگەن، 427 - يىلى پايتەخت پىخنيان (چاڭئەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا كۆچۈرۈلگەن. 475 - يىلى جەنۇبتا پېكچىگە ھۇجۇم قىلىپ، خەنجياڭ ۋادىسىنى تارتىۋالغان. بۇ گاۋگۇلىنىڭ راسا روناق تاپقان دەۋرى بولغان. 551 - يىلى پېكچنىڭ شېنمىڭ شاھى سىللادىكى جىنشىن شاھنىڭ ياردىمى بىلەن كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى تارتىۋالغان. ئۇنى يەنە سىللا ھۇجۇم بىلەن تارتىۋالغان؛ جۇلىڭنىڭ شىمالىدىكى ئون ۋىلايەت (ھازىرقى جياڭيۇەنداۋنىڭ غەربىي قىسمى) نىمۇ شىنلو ئىشغال قىلىۋالغان. (يىنياڭ شاھ 590 - 618) دەۋرىدە، پېكچى بىلەن بىرلىشىپ، سىللا بىلەن خەنجياڭ ۋادىسىنى تالاشقان. 642 - يىلى، غەرب ئۇلۇغلىرىدىن چۇەنگەي سۇۋېن ئەسكەر باشلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئەمەلىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، بەيجى بىلەن بىرلىشىپ، سىللاغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. سىللا تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گاۋگۇلى كەينى - كەينىدىن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. چۇەنگەي سۇۋېن ئۆلگەندىن كېيىن، بالىلىرى ھوقۇق تالىشىپ جاڭجال قىلىشقان، 667 - يىلى 1 - ئايدا، سىللا تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى پىخنيان قولدىن كېتىپ، كوگۇريو ھالاك بولغان. تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كوگۇريوغا قاراشلىق يەرلەر 676 - يىلى سىللاغا قوشۇۋېتىلگەن.