Uyghur←Chinese主要词典
گاتتېرىيە
بىئولوگىيە
楔齿蜥
xiēchǐxī
<يېڭى زىللاندىيە كەسلۈنچۈكى>، <شىنا چىشلىق كەسلۈنچۈك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ خارتۇم باشلىقلار ئەترىتى، گاتتېرىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ بۇ ئەترەتتىن ھازىر پەقەت بىر تۈرلا ساقلىنىپ قالغان. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئىپتىدائىي تۈر. بەدەن شەكلى گىگانت كەسلەنچۈككە ئوخشاش؛ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 - 75 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى تىمساھقا ئوخشاش، يېنىچە ياپىلاق. تۆت پۇتى بەش بارماقلىق بولۇپ، ئۆمىلەشكە ماسلاشقان. بەدىنى سۇس سېرىق، يېشىل ياكى قارا. بەدەن سىرتى ئۇششاق تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان. دۈمبە ۋە قورسىقىنىڭ يان تەرىپىدە نېپىز پلاستىنكىسىمان چوڭ تەڭگىچىلىرى، دۈمبىسىنىڭ مەركىزى سىزىقىدا تىكەنسىمان تەڭگىچە قاتارى بولىدۇ. باش سۆڭىكىدە ئىپتىدائىي قوش چېكە ئويمىنى بار. ئاغزى ئۇزۇن، خۇددىي قۇش تۇمشۇقىغا ئوخشىغاچقا خارتۇم باشلىق كەسلەنچۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاسا سۆڭىكى ھەرىكەتلەنمەيدۇ. ئۇچىغا ئۆسكەن چىشلىرى بار. تۆپە ككزى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. ئومۇرتقا تەنىسى ئىككى تەرىپىدىن ئويمان، ئىچىدە تېخىچە ساقلانغان خوردىسى بار. كلوئاكا تۆشۈكى توغرىسىغا ئېچىلغان، ئەركىكىدە چېتىشىش ئورگىنى يوق. ھەرىكىتى ئاستا، ئادەتتە ئۇۋىسىدا ياكى سۇدا سائەتلەپ ياتىدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئادەتتە دېڭىز قۇشلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا 8 - 15 دانە تۇخۇم سالىدۇ. 51 ئايدىن كېيىن بالا تەنىسى تۇخۇمدىن چىقىدۇ. جىنسىي كېچىكىپ يېتىلىدۇ (تەخمىنەن 20 يىلدا)، ئۆمرى 100 يىلغا بارىدۇ. ھاشارات ۋە لۆم - لۆم قۇرتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پەقەت يېڭى زىللاندىيىنىڭ شىمالىغا يېقىن بەزى ئاراللاردىن چىقىدۇ. سانى 1000 غا يەتمەيدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى يەر باغىرلىغۇچىلارغا ئوخشاش بىر قاتار تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا، ئىلمىي تەتقىقاتتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە بولۇپ، <تىرىك تاش قالدۇق> دەپ نام ئالغان.