Uyghur主要词典
گاستروسىيە ئوتى
بىئولوگىيە
تۈلكە مايىقى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق چىرىتىپ ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە خلوروفىل بولمايدۇ. يىلتىزسىمان كاللەك غولى گۆشلىشىدۇ ۋە قېلىن بولىدۇ، سوقىچاق، يۈزى سۇس سېرىق بولۇپ، ئېنىق بولمىغان ھالقا ۋە بىخ كۆزلىرى بولىدۇ. يەر ئۈستى غولى تىك ئۆسىدۇ، شاكىلى سىلىندىرسىمان، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق بولىدۇ. گۈلتاجى رەتسىز بولۇپ، ئېغىز قىسمى يانتۇ، تۈۋى چوڭ بولىدۇ، خۇددى چۆگۈنگە ئوخشايدۇ. غوزا مېۋىسى سوقىچاقتىن ئۇزۇن تەتۈر تۇخۇم شەكىللىككىچە بولىدۇ، ئۇرۇقى كۆپ ھەم كىچىك، تالقانسىمان بولىدۇ. شەرقىي شىمالدىن تىبەتكىچە بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ، تەسكەي نەم جايلاردىكى ئورمانلىقلاردا ياكى جىلغا ئەتراپىدىكى چۆپلۈكلەردە چىرىپ كەتكەن دەرەى غوللىرىغا يېقىن جايلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق تۈگۈنەك غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ بىرخىل قىممەتلىك جۇڭگوچە دورا، تۈگۈنەك غولى تەركىبىدىكى ۋانىلىك ئالكاگۈل تارتىشىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ تەركىبىدىكى گاسترودىننىڭ زەھىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇخلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئاساسەن جىگەرگە شامال ئۆتۈشتىن بولغان باش ئاغرىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، پەي تارتىشىش، بالىلاردىكى دۆلىنىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئۇنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، ھەمدە تەركىبىدىكى گاسترودىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرىكتۈرۈلۈپ كلىنكىدا ئىشلىتىلدى.