Uyghur主要词典
گارۋېي
دۇنيا تارىخى
(1887 - 1940) ئامېرىكىدا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. يامايكادا تۇغۇلغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. 14 يېشىدىن باشلاپ نابورچىك بولغان، كېيىن ژورنالدا تەھرىرلىك قىلغان. ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە لوندون قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. 1914 - يىلى يامايكاغا قايتىپ كېلىپ، <پۈتۈن دۇنيادىكى نېگىرلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى> ۋە <ئافرىقىلىقلار تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى> نى قۇرغان. 1916 - يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ، نيۇ - يوركنىڭ خالېم رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى تارماق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆزى باش ئىش بىجىرگۈچى بولغان؛ ئورگان گېزىتى - <نېگىرلار دۇنياسى> نى نەشىر قىلىپ، <نېگىر قىساسچىلىقى> نى تەشەببۇس قىلغان. 1920 - يىلى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق پۈتۈن دۇنيا نېگىرلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1921 - يىلى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى جاكارلاپ، ئۆزى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولغان ھەمدە ئۆزىنى دۇنيا نېگىرلىرىنىڭ داھىيىسى دەپ ئېلان قىلىپ، دۇبوئىس قاتارلىقلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. 1923 - يىلى <پوچتا خەت - خالتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەسسىدارلارنى ئالدىدى> دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدا جازاسى يېنىكلىتىلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1924 - يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندا <ئافرىقىغا قايتىش> پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1935 - يىلى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش شتابىنى لوندونغا يۆتكىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى 60 - يىللاردىكى نېگىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.