Chinese→Uyghur主要词典
高丽
دۇنيا تارىخى
كورىيە
(1) كوگۇريونىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. دەسلەپ مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ۋېينىڭ جېڭشى يىللىرىدا كۆرۈلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن. چاۋشيەننىڭ تارىخ كىتابلىرىدا بىردەك كوگۇريۇ دەپ ئىشلىتىلگەن. (2) ۋاڭ جەمەتى كورىيىسى. چاۋشيەندىكى فېئوداللىق سۇلالە ۋاڭ جيەن قۇرغان. 34 ئەۋلاد (ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پادىشاھ شىن فامىلىسىنى قوللانغان)، 475 يىل (918 - 1392) داۋام قىلغان. مىلادى 918 - يىلى، كېينكى ئۈچ بەگلىكىنىڭ بىرى بولغان تەيفىڭ بەگلىكىنىڭ لەشكەر باشلىقى ۋاڭ جيەن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانى گۇڭيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان، دۆلەتنىڭ نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتكەن، كەيجىڭ (ھازىرقى كەيچىڭ)نى پايتەخت قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەپرىقچىلەر (نوچىلار)نى تەسلىم قىلغان ياكى يوقاتقان، 935 - يىلى سىللانى قوشۇۋالغان، 936 - يىلى كېينكى پىكچىنى يوقىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. دەسلەپ تاڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىپ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈمنى ئورناتقان. مەركەزدە ئۈچ ۋازارەت، ئالتە دىۋان، توققۇز مەھكىمە، ئالتە ياساۋۇلخانا تەسىس قىلىپ، مەھكىمە ئەسكەرلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، شۇنداقلا يەر تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، 940 - يىلى ۋەزىپە بەلگىلەپ يەر تەقسىم قىلغان. 976 - يىلى ئېتىز - ئورمان تۈزۈمىنى جاكارلىغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى ئاقسۆڭەكلەر ھەدەپ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، خۇسۇسىي ئېكىنزارلىقلارنى كېڭەيتىپ قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئېتىز - ئورمان تۈزۈمى يىمىرىلگەن. جۇرجىتلار ۋە مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوقۇقدار ۋەزىرلەرنىڭ زومىگەرلىكى، قاراقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، مەملىكەت ئىچىدە يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئارقىسىدا، دۆلەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن خارابلاشقان. 1388 - يىلى، چوڭ سانغۇن لى چېڭگۇي يالۇجياڭ دەرياسىدىكى ۋېيخۇا ئارىلىدىن كەيجڭغا قايتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان، 1391 - يىلى ئېتىز قانۇنىنى جاكارلىغان. 1392 - يىلى لى چېڭگۇي پادىشاھ گوڭراڭنى بىكار قىلىپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان، شۇنىڭ بىلەن كورىيە سۇلالىسى ھالاك بولغان.
تارىخ
gāo lí
كۇرىيە