Chinese→Uyghur主要词典
高德温
دۇنيا تارىخى
گودۋىن
(؟ـ1053) ئەنگىلىيىنىڭ ئانگلوساكسون دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ چوڭ نوپوزلۇق مەنسەپدار. كىنۇد ئەنگىلىيىگە كىرىپ خوجايىنلىق قىلغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 1018 ـ يىلى غەربىي ساكسون گرافى بولغان. 1042 ـ يىلى، ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (تۆۋە قىلغۇچى) تەختكە چىققاندىن كېيىن، مۇھىم ۋەزىپىنى ئىگىلەپ، خاندانلىقنى باشقۇرغان. 1045 ـ يىلى قىزى ئېدىسنى ئېدۋاردقا بەرگەن. 1051 ـ يىلى، ئدۋارد مۇنارخىيىلىك ھاكىميەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،ئۇنىڭ مال ـ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان ھەمدە ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ياندۇرقى يىلى گودۋىن ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى قوزغاپ، ئېدۋاردنى ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ھوقوقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1066 ـيىلى، ئېدۋار قازا قىلىپ، گودۋىننىڭ چوڭ ئوغلى ھارولد مۆتىۋەرلەر يىغىنى تەرىپىدىن ئەنگلىيە كورۇللۇقىغا سايلانغان، ئۇ ھارولد Ⅱ دەپ ئاتالغان.