Chinese→Uyghur主要词典
感受性
پسىخولوگىيە
سېزىمچانلىق
بۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى سەزگۈ قابىلىيىتى. سېزىمچانلىق سەزگۈ چېكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سېزىمچانلىق سەزگۈ چېكى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكى فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ. سىزىمچانلىق بىر بىلەن سەزگۈ چىكىنىڭ بۆلۈنمىسىگە تەڭ. سەزگۈ چىكى قانچە تۆۋەن بولسا، سەزگۈ شۇنچە ئۆتكۈر بولىدۇ، يەنى سېزىمچانلىق شۇنچە زور بولىدۇ. ئەكسىچە، سېزىمچانلىق قانچە كىچىك بولسا، سەزگۈ چېكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. سەزگۈسى ئاجىز بولسا، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، سەزگۈ پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. سېزىمچانلىق مۇتلەق سېزىمچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈش سېرىمچانلىقىغا بۆلۈنىدۇ. سېزىمچانلىق بىلەن ئوخشىمايدۇ. سېزىمچانلىق پىسخىك ھادىسە، كىشى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇنى ئاڭقىرالايدۇ؛ سەسكىنشچانلىق فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئادەم ئاڭقىرالمايدۇ. مەسلەن: شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى بىلەن ئېنقلانغان چەك قىممىتى ئاغزاكى سۆز بىلەن ئېرىشكەن چەك قىممىتىدىن تۆۋەن بولىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك تەسىر چېكى سەزگۈ چېكىنىڭ تەسىر كۈچىدىن تۆۋەن بولۇپ، پەقەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئاڭقارغىلى بولمايدىغان فىزىئولوگىيىلىك رېئاكسىيىنىلا پەيدا قىلالايدۇ، ئەمما سەزگۈ پەيدا قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ پەقەت سەسكىنشچانلىتىنلا ئىبارەت بولۇپ، سېزىمچانلىق ئەمەس.
باغۋەنچىلىك
gǎn shòu xìng
سېزىمچانلىقDكومپيۇتېر
gǎn shòu xìng
سېزىشچانلىقDمائارىپ
gǎn shòu xìng
سېزىشچانلىق، ھېس قىلىشچانلىقDتەنتەربىيە
gǎn shòu xìng
سەزگۈرلۈك