Chinese→Uyghur主要词典
甘婆王朝
دۇنيا تارىخى
كانۋا خاندانلىقى
قەدىمكى ھىندىستان ماگادا دۆلىتى خاندانلىقى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 75 ـ يىلى سۇنگا خاندانلىقنىڭ براخمان ۋەزىرى ۋاسۇدېۋا (كانۋا مىللىتىدىن) پادىشاھ دېۋابۇمىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، كانۋا خاندانلىقىنى قۇرغان. ئىلگىرى - كېيىن تۆت پادىشاھ ئۆتكەن. ماگادا دۆلىتىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى كۈنسېرى ئاجىزلىغان، مىلادىدىن 30 - يىل ئىلگىرى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ئاندرا دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.