Chinese→Uyghur主要词典
甘末林
دۇنيا تارىخى
گامېلىن
(1872 - 1958 - يىللار) فرانسىيە گېنېرالى. 1893 - يىلى سانت - سىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سومما دەرياسى جېڭىگە قاتناشقان. 1916 - يىلى گېنېرال برىگادىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن 9 - دىۋىزىيىگە قوماندانلىق قىلغان. 1919 - 1925 - يىللىرى فرانسىيەنىڭ برازىلىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. 1925 - 1928 - يىللىرى سۈرىيە خەلقىنىڭ قوزغىلىڭنى باستۇرغان. 1931 - 1935 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1935 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رە.ىسى بولغان. 1938 - يىلدىن ئىېتىبارەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم مەغلۇپ بوغانلىقى ئۈچۈن، 1940 - يىلى 5 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن قولغا ئېلىنىپ، گېرمانىيىدە قامالغان. 1945 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ ۋەتىنىگە قايتقان. <مۇلازىمەت> ناملىق ئەسىرى بار.