Chinese→Uyghur主要词典
感觉记忆
پسىخولوگىيە
سەزگۈ خاتىرىسى
بۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەيئىنى ئىدراك قىلىش توختىغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان، ئىز بىر پەس داۋام قىلىپ ئۆچۈپ كېتىدىغان خاتىرىدىن ئىبارەت. قالدۇق تەسۋىر ئەنە شۇنىڭ مىسالى. بۇ روشەن ئوبرازلىق بولۇپ ، ساقلىنىش ۋاقتى بەك قىسقا، تەخمىنەن 0.25 - 2 سېكۇنتقىچە ساقلىنىدۇ. ساقلانغان مىقدار قىسقا، ۋاقىتلىق خاتىرىدىن كەڭرەڭ بولىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىگە ئايلىنىدۇ، دىققەت قىلىنمىسا تېزلا ئۆچىدۇ ( « خاتىرىنىڭ باسقۇچلۇقى » غا قاراڭ)