Chinese→Uyghur主要词典
感觉互相作用
پسىخولوگىيە
سەزگۈنىڭ ئۆزئارا تەسىرى
سەزگۈلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئوخشاش سەزگۈلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان سەزگۈلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ: ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، بىر نەچچە تۈرلۈك سەزگۈلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىسى ياكى مەلۇم سەزگۈ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە ياكى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. مەسلەن: نەچچە خىل تەم قوشۇلۇپ بىر خىل يېڭى تەمگە ئايلىنىشى، ئىككى نۇقتىغا تەگكىنى بىر نۇقتىغا تەككەندەك سېزىلىشى مۇمكىن. ئوخشاش سەزگۈلەردىمۇ سەزگۈ سېلىشتۇرمىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسلەن: روشەنلىك سېلىشتۇرمىسى ۋ.ب. يوشۇرۇش ھادىسىسى يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. مەسلەن: بىر نەچچە تال سىزىق رەسىمنى يېپىۋېلىپ كىشى كۆرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، كۈچلۈك پۇراق ئاجىز پۇراقلارنى بېسىپ كېتىپ كىشىگە پۇرىمايدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ۋ. ب. ئوخشىمايدىغان سەزگۈلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرىگە سەزگۈنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، يوشۇرۇش، كاشىلا قىلىش قاتارلىقلار كىرىدۇ. مەسلەن: كۈچلۈك شاۋقۇن كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاجىزلىتىدۇ، تۈرلۈك رەڭ، پۇراقلار ( خۇش پۇراقلار ) سەزگۈسى بىلەن ئىشتىھانى ئاشۇرىدۇ ياكى تۆۋەنلىتىدۇ. سەزگۈنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئاساسەن چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى تۈرلۈك سەزگۈلەرگە ماس ھالدىكى قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭ تارقىلىش، مەركەزلىشىش ياكى ئۆزئارا ئىندۇكسىيىسىنىڭ نەتىجىسى.