Chinese→Uyghur主要词典
感觉对比
پسىخولوگىيە
سەزگۈ سىلىشتۇرمىسى
بۇ ئوخشاش سەزگۈلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرى بىلەن سەزگۈ ئۈنۈمىدىن ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغان پىسخىك ھادىسىدىن ئىبارەت. ئىككى خىل سەزگۈ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىش بىلەن شەكىللەنگەن سەزگۈ سېلىشتۇرمىسى تەڭ ۋاقىتلىق سېلىشتۇرما دەپ ئاتىلىدۇ، ئىككى خىل سەزگۈ ئارقىمۇ ئارقا يۈز بېرىش بىلەن شەكىللەنگەن سېلىشتۇرما ئارقىمۇ ئارقا سېلىشتۇرما دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈش سەزگۈسى جەھەتتە روشەنلىك سېلىشتۇرمىسى بىلەن رەڭ سېلىشتۇرمىسى بار. ئوخشاش كۈل رەڭ قەغەز پارچىسى ئاق ئارقا كۆرۈنۈشتە قارىراق، ئەمما قارا ئارقا كۆرۈنۈشتە قارىراق، ئەمما قارائارقا كۆرۈنۈشتە ئۇچۇقراق كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ روشەنلىك ( يورۇقلۇق) سېلىشتۇرمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈش مەيدانىدىكى يانداش تۇرغان تۈرلۈك رەڭلەرنىڭ سېلىشتۇرۇلۇشى رەڭ سېلىشۇرمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق ياكى كۈل رەڭ قەغەز پارچىسى قىزىل ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇلسا، يېشىل رەڭ تونى ھاسىل بولىدۇ. يېشىل ئارقا كۆرۈنۈشتە قىزىل رەڭ تونى ھاسىل بولىدۇ. سېرىق بىلەن كۆك ۋە شۇنڭغا ئوخشاش ھەر بىر جۈپ تولدۇرۇغۇچى رەڭلەردىمۇ مۇشۇنداق ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ. ئاق ياكى كۈل رەڭ رەڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تەسىرىدىن، ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ تولدۇرغۇچى رېڭى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر بىر خىل رەڭنى باشقا بىر خىل رەڭدىكى ئارقا كۆرۈنۈشكە قويساق، ھەر بىر خىل رەڭنىڭ رەڭ تونى ھەر بىر رەڭق باشقا بىر خىل رەڭنىڭ تولدۇرغۇچى رېڭى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر ئىككى خىل رەڭ ئۆزئارا تولدۇرغۇچى رەڭلەر بولسا، بىر بىرىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئىككى خىل رەڭ ئارىلىقىدىكى سېلىشتۇرما ھادىسە ناھايىتى روشەن بولىدۇ. ئېگىز بىلەن پاكار، سىمىز بىلەن ئورۇق، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش، سوغۇق بىلەن ئىسسق، تاتلىق بىلەن ئاچچىقلاردىمۇ سېلىشتۇرما ھادىسە يۈز بېرىدۇ.