Chinese→Uyghur主要词典
甘地
دىن
gān dì
گەندى، مۇھەندەس كەرەمچەند گەندى
دۇنيا تارىخى
گەندى
(1) موھانداس كارامچاند گەندى (1869 - 1948). ھىندىستاندا مۇقەدەس گەندى دېگەن نامى بار. پوباندېردىكى يەرلىك شتات ۋەزىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1888 ـ يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندون داشۆسىدە قانۇنچىلىقتا ئوقۇغان. 1891 - يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيتىگە ئىگە بولۇپ دۆلىتىگە قايتىپ، ئىككىنچى يىلى بومباي يۇقىرى سوتىدا ئادۋوكاتا بولغان. 1893 - يىلى ھىندىستاندىكى باي سودىگەرلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ سودا سارىيىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىپ، ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ھەمدە <غەيرىي زوراۋانلىق> نى ياراتقان؛ 1915 - يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1924 - 1934 - يىللىرى ۋە 1940 - 1941 - يىللىرى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. <غەيرىي زوراۋانلىق ھەمكارلاشماسلىق> تەدرىجىي ھالدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ پروگرامما خاراكتىرلىك تاكتىكىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 20 - يىللاردىن 40 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيىگە قارشى كۆپ قېتىم ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ھىندى دىنىي مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئاداۋەتلىك قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى تۇرغان؛ قول سانائەت توقۇمىچىلىقى بىلەن يەرلىك رەختتىن كىيىم كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ماشىنىدا توقۇلغان رەختلىرىگە تاقابىل تۇرغان، مەنىۋى كۈچىنىڭ تەسىرچانلىقى بىلەن سىنىپلارنىڭ تىنچلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، زورلۇق ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان؛ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىل ۋە ئەدەب - ئەخلاقنى جانلاندۇرۇشنى، پەسكەشلەر قاتلىمىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، شەخس تۇرمۇشتا پەرھىز تۇتۇش ۋە زاھىدلىققا ئەمەل قىلغان. ھەردائىم ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرەش شەكلىنى قوللانغان، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1947 - يىلى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. دىنىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ماجىراسىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ھىندى دىنى تەلۋىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <ياش ھىندىستان>، <گەندى تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئىندىرا گەندى (1917 - 1984). ھىندىستان زۇڭلىسى (1966 - 1977، 1980 - 1984)، توي قىلشتىن ئىلگىرى ئىسمى ئىندىرا نېھرو. نېھرونىڭ يالغۇز قىزى. شىمالىي شتاتتىكى ئاللائاباد شەھىرىدە تۇغولغان. خەلقئارا داشۆسىدە ۋە ئوكسىفور داشۆسىدە ئوقۇغان. 1938 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1942 - يىلى ئادۋوكات فېروزې گەندى (؟ - 1960) بىلەن توي قىلىپ، گەندى خانىم دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيىگە قارشى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر يىل قامالغان. ھىندىستان مۇستەقىللىكككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللار، بالىلار خىزمىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1956 - يىل ئاللائاباد شەھىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1957 - 1959 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى (ئىندىراچىلار)نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1964 - يىلى 6 - ئايدا ئاخبارات ۋە رادىئو ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 8 - ئايدا قوشما شتات پالاتا ئەزاسى بولغان. 1966 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى پارلامېنت پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ داھىيىسى بولۇپ سايلانغان ھەمدە زۇڭلىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولغان. 1967، 1971 - يىلى ئىككى قېىتم ئۇدا زۇڭلى بولغان، ئارىلىقتا يەنە تاشقى ئىشلار، مالىيە، ئېنىرگىيە دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىچكى ئىشلار، ئالەم ۋە پىلان قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1977 - يىلىدىكى سايلامدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەغلۇپ بولۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1980 - يىلى يەنە بىرقېتىم زۇڭلى بولۇپ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئەسى، پىلان ۋە ئاتوم قۇۋۋىتى مىنىستىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1984 - يىلى 10 - ئايدا سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gān dì
گەندھى