Chinese→Uyghur主要词典
改善印度管理法
دۇنيا تارىخى
ھىندىستاننى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش قانۇنى
1858 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ماقۇللىغان قانۇن. قانۇن جەمئىي 75 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ئەنگلىيە پارلامېنتى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، ھىندىستانغا ئەنگلىيە كورۇلى بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، تەپتىش ھەيئىتى ۋە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى مۇدىرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئۈستىگە ئالىدىغان ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرىنىڭ قول ئاستىدا يەنە ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاندىكى ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 15 مۇھىم خادىمىدىن تەركىب تاپقان مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى <ھىندىستان مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى> تەسىس قىلىش، ئۇنىڭ رەئىسلىكىنى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئېلىش. ھىندىستان باش ۋالىيىسى مۇئاۋىن پادىشاھ بولۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھىغا ۋەكالىتەن ھىندىستانغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت.