Uyghur←Chinese主要词典
گاي
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
盖伊〈美〉
gài yī 〈měi 〉
دۇنيا تارىخى
盖伊
gài yī
(1809 - 1872) كىرودىيىلىك سىياسىي ئەرباب، شائىر. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن 40 - يىللىرىغىچە كىرودىيىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىللىرىيە مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1835 - يىلى <كىرودىيە ئاخباراتى>نى تەسىس قىلىپ (1836 - يىلى <ئىللىرىيە ئاخباراتى> دەپ ئۆزگەرتىلگەن)، يۇگوسلاۋىيانلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىپ قىلغان. كىرودىيە، سېربىيە ۋە سلوۋىنىيە قاتارلىق ناملارنىڭ ئورنىغا <ئىللىرىيە> دېگەن نامنى دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. روسىيىنى 1840 - يىلى ۋە 1867 - يىلى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، موسكۋادىكى سىلاۋىيان گۇرۇھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان. 1848 - 1849 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلدە، ئەكسىيەتچى سىياسەتۋاز يىلېئاسىچنى قوللىغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى باشقۇرغان گېزىتىنى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرەەن. خورۋات يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، خورۋات تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى ياراتقان. <خورۋات - سلاۋىيان تىلىنىڭ قىسقىچە ئېلىپبە قائىدىسى> دېگەن ئەسىرى بار.