Uyghur←Chinese主要词典
فىزىئوكراتلار
ئۇنىۋېرسال
重农主义者
zhòng nóng zhǔ yì zhě
دۇنيا تارىخى
重农学派
zhòng nóng xué pài
(دېھقانچىلىق ئەلاچىلىقى ئېقىمىدىكىلەر) ⅧⅩ ئەسىردىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە كىلاسسىك سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسلىق مەزھىپى. ئاساسلىق ۋەكىللىرى كېسناي ۋە تۈرگوت. ئۇنىڭ تەلىماتى مېركانتىلىزمنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ نەزىرىيە <تەبىئىي تەرتىپ>نى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە <سۈنئىي تەرتىپ>كە قارىمۇ قارشى بولغان <تەبىئىي تەرتىپ> مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئوبىكتىپ قانۇنىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەپتىن سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا ئوبىكتىپ قانۇنىيەتنى تونۇش ۋەزىپىسى قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىقتىسادىي نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي مەزمونى: بارلىق بايلىقنىڭ مەنبەسى يەر، يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، بايلىقنى كۆپەيتىدىغان بىردىنبىر ئىقتىسادىي تارماق، يېزا ئىگىلىك بلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىردىنبىر ئىشلەپ چىقارغۇچى سىنىپ؛ سانائەت - ئىشلەپچىقىرىش تارمقى ئەمەس، ئۇ پەقەت ماددىي بايلىقنىڭ شەكلىنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، يېڭى بايلىق يارىتالمايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىق قىممىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بىرلا خىل باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش كېرەك؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش، سودىنىڭ مۇتلەق ئەركىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەبىئىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئۆز رولىنى جارى قىلىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. تۈرگوت فرانسىيە باش مالىيە نازارەتچىسى بولغاندا (1774 - 1776) دېھقانچىلىق ئەلاچىلىقى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ مەغلۇپ بولغان. فىزىئوكراتلار تەتقىقات مەركىزىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكەپ، ئېشىنچە قىممەت مەنبەسىنى ئىزدىگەن، شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئومۇمىي كاپىتالىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئوبوروتىنىڭ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان رولىنى تەتقىق قىلىپ، سېستىمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان تۇنجى ئېقىمدۇر. سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ھەمدە ئادام سىمىتقا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.