Uyghur主要词典
فىزىكا
فىزىكا بىلىملىرى
قۇياش نېمە ئۈچۈن ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربتە ئولتۇرىدۇ؟ چاقماق چېقىش قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغىدۇ؟ رادىئولۇق ئۈنئالغۇ نېمە ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتالايدۇ؟ كىيىم ئىشكاپىدىكى نافتالىن كۇمىلىچى نەگە كەتتى؟ ئېلېكتر نەدىن كېلىدۇ؟ ھەسەن - ھۈسەن نېمىدىن ئىبارەت؟ ...
بۇ مەسىلىلەردىكى كۈچ ھادىسىسى، سوغۇق - ئىسسىقلىق ھادىسىسى، ئېلېكترو ماگنىت ھادىسىسى ۋە يورۇقلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. فىزىكا ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر پايدىلىنىدىغان ئېلېكتر لامپىسى، تېلېفون، رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزور، شۇنداقلا يول يۈرۈشتە ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىكا پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياسالغان. نۆۋەتتىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئاتوم بومبىسى، ھىدروگېن بومبىسى، راكېتا، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ۋە ئالەم كېمىسىمۇ فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
فىزىكا ئۆگەنگەندە، ھەر خىل فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىپ، ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە قىزىقىشىنى، تەپەككۇرىنى، ئەقلىي كۈچىنى ئېچىپ، ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر پەن. ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئاكۇستىكا، ئىسسىقلىق ئىلمى، ماگنىتزم، ئوپتىكا ۋە ئاتوم فىزىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.