Uyghur主要词典
فېئوداللىق جەمئىيەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىخىدىكى بەش خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بەلگىسى، پومېشچىلار يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان، دېھقانلارنىڭ يېرى ناھايىتى ئاز ياكى زادىلا يېرى يوق بولۇپ، پەقەت پومېشچىكلارنىڭ يېرىنى تېرىيدۇ، ئەمما مەھسۇلاتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پومېشچىكلار تارتىۋالىدۇ. فېئوداللىق جەمئىيەت قۇللۇق جەمئىيەتكە قارىغاندا بىر قەدەر ئىلغار بولۇپ، دېھقانلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆمۈر بويى يەرگە تايانغانلىقتىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايدۇ.