Chinese→Uyghur主要词典
复壮现象
بىئولوگىيە
يېڭىلىنىش ھادىسىسى
كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆز ئۆمرىدە ھەر يىلى بىخ ۋە يېڭى ئۇچ ھاسىل قىلىپ ئۆسىدۇ، يەنى زور مىقداردا يېڭى ھۈجەيرە ھاسىل قىلىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي قېرىش جەريانىدا قىسمەن ئورۇندا يېڭىلىنىشنىڭ كۆرۈلۈشى يېڭىلىنىش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. گەرچە يېڭىلانغان ئورۇننىڭ ھاياتلىق يوشۇرۇن كۈچى مايسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سەۋىيىسىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ۋاقتىنچە ياكى قىسمەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، چاي دەرىخىنى تاختىلاش، مېۋە دەرەخلىرىنى قىرقىش ۋە دەل - دەرەخلەرنى كەسكەندىن كېيىن چىققان يېڭى نوتا يۇمران يەككە تەنچىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ پىشىش باسقۇچىغا يېتىشنى تېزلەشتۈرىدۇ. بۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي دەرەخلەرنى يېڭىلاش مۇھىم ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.