Chinese→Uyghur主要词典
复眼
ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
fù yǎn
مۇرەككەپ كۆزDفىزىكا
fù yǎn
بىرىكمە كۆزDئۇنىۋېرسال
fù yǎn
مۇرەككەپ كۆز
بىئولوگىيە
مۇرەككەپ كۆز
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر خىل كۆرۈش ئورگىنى. قاسىراقلىقلار ۋە ھاشاراتلاردا ئۇچرايدۇ ۋە پەقەت بىر جۈپلا بولىدۇ. ھەر بىر مۇرەككەپ كۆز، كۆز يۈزى ئالتە بۇرجەكلىك بولغان نۇرغۇنلىغان <يەككە كۆز> (كىچىك كۆز) لەردىن تەركىب تاپقان. يەككە كۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى يورۇقلۇق يىغىش ۋە يورۇقلۇق سېزىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ يورۇقلۇق يىغىش قىسمى مۈڭگۈز پەردە ھەم خروستال تەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يورۇقلۇقنى ئۆتكۈزۈپ ۋە يىغىپ، يورۇقلۇق سېزىش قىسمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش رولىغا ئىگە؛ يورۇقلۇق سېزىش قىسمى كۆرۈش تور پەردە ھۈجەيرىلىرى ۋە كۆرۈش تاياقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەتراپىدا يەنە پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، كۆرۈش تور پەردە ھۈجەيرىسىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى تەكتى پەردىنى تېشىپ ئۆتۈپ، كۆرۈش نېرۋىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مېڭىگە كىرىپ، يورۇقلۇق قىسمىدىن كەلگەن يورۇقلۇق توچكىسىنى قوبۇل قىلىپ توچكىنىڭ فوكۇسلۇق سايىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ مۇرەككەپ كۆزدىكى جىسىم سايىسى ھەر بىر يەككە كۆزلەردىكى توچكا سايىلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. كۈندۈزى ھەرىكەتلىنىدىغان ۋە كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھاشاراتلارنىڭ يەككە كۆز پىگمېنتلىرىنىڭ تارقىلىشى ئانچە ئوخشىمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ نەرسە سايىلىرىنىڭ (جىسىم تەسۋىرى) شەكىللىنىشىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ئالدىنقىلىرىنىڭ توچكا سايىلىرى ئۆزئارا كىرىشىپ <كىرىشكەن سايە> شەكىللەندۈرىدۇ؛ كېيىنكىلىرىنىڭ ھەر بىر يەككە كۆزلىرىنىڭ يورۇقلۇق سېزىش قىسىملىرىمۇ يېنىدىكى خروستال تەنىلەردىن سۇنۇپ كەلگەن نۇرلارنى قوبۇل قىلىپ كۆپ نۆۋەت قاتلانغان (تەكرارلانغان) يورۇقلۇق توچكىلىرىدىن قاتلاق سايە (سۈرەت) شەكىللەندۈرىدۇ. مۇرەككەپ كۆز نەرسىلەرنى كۆرۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە رەڭلەرنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ. مۇرەككەپ كۆز تەركىبىدىكى يەككە كۆزلەرنىڭ سانى تۈرلەرگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ، ئازلىرىنىڭ مەسىلەن، ئىشچى چۈمۈلىنىڭ 12 گە يەتمەيدۇ، كۆپلىرىنىڭ مەسىلەن، يىڭناغۇچنىڭ 10 مىڭدىن 28 مىڭغا يېتىدۇ.