Chinese→Uyghur主要词典
复习
ئۇنىۋېرسال
fù xí
تەكرارلىماق، پىششىقلىماق
Dمائارىپ
fù xí
تەكرارلاش، پىششىقلاش، تەكرار ئۆگىتىش
پسىخولوگىيە
تەكرارلاش
بۇ كۇچەيتىش بولۇپ، ئەستە قالدۇرۇش بىلەن بەرپا بولغان باغلىنىشلارنى مۇستەھكەملەش جەريانىدۇر. بۇ ئۇنتۇشتىن ساقلىنىشنىڭ تەدبىرى. ئادەتتە، ئەستە قالدۇرۇش نەتىجىلىرىنى پەقەت تەكرارلاش ئارقىلىقلا مۇستەھكەملەپ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تەكرارلاش جەريانى بىلىم، تەجىرىبىلەرنى تەكرار - تەكرار كۈچەيتىش بىلەن مۇستەھكەملەش جەريانى بولۇپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۇشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاسوتسىئاتسىيىنى كېڭەيتىپ بىلىم، تەجرىبىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدۇر. ئەنگىيىلىك پسىخولوگ ئىببىنگخاۋىس نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئارقىلىق تەكرارلاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۈنۈملۈك تەكرارلاشلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىسپاتلاتلىغان. مەسىلەن: ئۇنتۇشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن ۋاقتىدا تەكرارلاشنىڭ زۆرۈرلىكى، تەكرارلاش سانىنىڭ باشتا كۆپ، كېيىن ئاز بولۇشى لازىملىقى، ۋاقىت ئارىلاپ تەدرىجىي كۈچەيتىش ۋە يىغىپ تەكرارلاش بىلەن تارقاق تەكرارلاشنى ئەقلىگە مۇۋاپىق ھالدا تەدبىقلاش، پۈتۈن تەكرارلاش بىلەن بۆلۈپ تەكرارلاشلارنىڭ لازىملىقى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىغان. تەكرارلاش ئۈنۈمى يالغۇزلا تەكرارلاش سانىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى خېلى زور دەرىجىدە تەكرارلاشنىڭ تەكرارلاشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ۋە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىمۇ باغلىق بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، تەكرارلاش ۋاقتىدىكى سۇبيېكتىپ ھالەتكىمۇ باغلىق بولىدۇ. مەسىلەن: قىزىقىش، ئاكتىپلىق ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئويغاقلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار تەكرارلاش ئۈنۈمى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.