Uyghur主要词典
فۇ تۇڭشيەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1910 - 1985) جۇڭگودىكى پېداگوك، ئەسلىي يۇرتى يۈننەن دىڭجاڭ، خۇنەن چاڭدېدا دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەيگە كېلىپ، خادېچىڭ ئاخۇننىڭ قولىدا ئەرەب تىل - يېزىقى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ئۆگەندى. 1929 - يىلى <شاڭخەي مۇسۇلمان ياشلىرى تەتقىقات جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، <مۇسۇلمان ياشلار ژۇرنىلى> نى چىقاردى. 1932 - يىلى ساينت يوخان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈردى. 1933 - يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ ژۇرنىلى - <ئۆزگەرتىش> نى چىقىرىشقا قاتناشتى. 1934 - يىلى <جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولدى ھەمدە <جۇڭگو ئىسلام دىنى كىتابلىرى> نى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى. خۇيزۇلارنىڭ كەسىپ ئۆگىنىش مەكتىپى ئېچىپ، ئۆزى ئىلمىي مۇدىر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شاڭخەي ئىسلام دارىلمۇئەللىمىندە دەرس ئۆتتى. 1938 - يىلىدىن كېيىن، جىڭفىن ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە ئىنگلىز تىلى پروفېسسورى بولدى ھەمدە بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پەلسەپە، پېداگوگىكا، لوگىكىدىن دەرس ئۆتتى. 1948 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پېداگوگىكا پەلسەپىسى ئوقۇپ، 1950 - يىلى دوكتۇر ئۇنۋانى ئالدى. شۇ يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، خەلق ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسىگە كىرىپ ماركسىزم - لېنىنىزم تەلىماتىنى ئۆگەندى. 1953 - يىلى شەندۇڭ سىفەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پېداگوگىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى بولدى. 1979 - يىلى جۇڭگو پېداگوگىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى بولدى. 1980 - يىلى ب د ت مائارىپ پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدا ئاچقان خەلقئارا پېداگوكلار يىغىنىغا قاتناشتى. فۇتۇڭشيەن ھاياتىدا <بىلىم پروگراممىسى توغرىسىدا>، <ھازىرقى زامان پەلسەپە ئىلمى>، <ئىستېتىكا پروگراممىسى>، <جۇڭگو ئىسلام تارىخى>، <پېداگوگىكا پەلسەپىسىدىن لېكسىيە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى، <گېستالىت پسىخولوگىيە قائىدىلىرى>، <پسىخولوگىيە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى.