Uyghur主要词典
فۇسۇس ئەل ھىكمەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئەقىل - پاراسەت ھېكمەتلىرى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سوپىزملىق مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2291 - يىلى كىتاب قىلىندى. مۇھىيددىن ئىبنى ئەرەبىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىد يازغان ئىككى كىتابىنىڭ بىرىدۇر. بۇ كىتابنىڭ ھەجىمى قىسقا بولۇپ، تەسەۋۋۇپ ئېتىقاد سىستېمىسىنى تەسەۋۋۇپچىلىق دىنىي قائىدىسى ۋە دىلدىكى تەسىرات نۇقتىسىدىن شەرھلەپ، ئىسلام دىنى كىتابلىرىغا، ئەقىدىسىگە يېڭى ئىزاھات بېرىشنى مەقسەت قىلغان. كىتابتا <قۇرئان كەرىم> دىكى ۋەھىيلەرنى ئىنسان ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى قىلىپ، ۋەھىي توغرىسىدىكى بىلىملەر بىلەن رىۋايەت توغرىسىدىكى بىلىملەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئۇلار تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالارنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرى بىلەن دەلىللەنگەن. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىنسان ئەجدادى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى ھەربىر پەرىشتە ۋە پەيغەمبەر جەمئىي 27 گە <ئاللانىڭ نۇرى> ۋە بېشارىتى كەلگەن. ئۇلار ئاللانىڭ بىر قىسىم گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئالىيجاناب مەنىۋى مەنزىلدە تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرىدۇر. لېكىن، پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ پەزىلەت ۋە مەنىۋىيەت دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولغىلى بولماي قالمايدۇ. تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالار خىيال سۈرۈش، كۆڭلىدە دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىش، قەسىر ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كېتىش دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. كىتابتا <ۋەھد ئەل ۋۇجۇد>، <ئىلاھ نۇر نەزەرىيىسى>، <مەئرىفە> قاتارلىق پەلسەپىۋى ئىدىيىلەرمۇ بايان قىلىندى. بۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە سۇپىزملىق تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سوپىزمنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئەسلىي قوليازما ئىدى. 1836 - يىلى مىسىرنىڭ بۇلاق نەشرىياتىدا ئويما باسمىسى نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭغا تۈركچە ئىزاھات قوشۇمچە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، 1891 - ۋە 1903 - يىللىرى قاھىرەدە مىخ مەتبەئە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭغا ئەرەبچە ئىزاھات قوشۇمچە قىلىندى. ئىنگلىزچىگىمۇ تەرجىمە قىلىندى.